ھېكمەتلەر خەزىنىسى

ھېكمەتلەر خەزىنىسى

* ئىنساننى ئاچلىق ئەمەس، كۆنۈپ كەتكەن توقلۇق ئۆلتۈرىدۇ. – ئىبن خالدۇن
* گۈزەل تىلىمىزدا سۆزلەيمىز، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ كىملىكىمىز. – ئىسىمسىز
* بالىلىرىمىزغا گۈزەل تىلىمىزنى ئۆگىتىمىز، چۈنكى كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىنى ئۆمىد قىلىمىز. – ئىسىمسىز
* ئاللاھىم، ئىنسانلارنى قېيىن يەردە قىستىغانلارنى سەنمۇ قېيىن ئەھۋالدا قوي. – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
* يۇقاردا كۆك تۆۋەندە يەر يارىتىلغاندا، ئىككىسى ئارىسىدا ئىنسان يارىتىلدى. – ئورخۇن ئابىدىلىرى
* ئىنسانلار ئارىسىدا بىلمەي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارغانلار جەھەننەملىكتۇر. – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
* قانچىلىك نادان بولساڭ بول، ئەمما باشقىلارنىڭ ھاياتىنىڭ نابۇت بولۇشىغا سەۋەپچى بولما. – ئىسىمسىز
* ئويۇن تۈگىگەندە شاھمۇ، پىچكىمۇ ئوخشاش بىر قۇتىغا قويۇلىدۇ. – پوشكىن
* ئىككى خىل ئىنساننىلا ئىنسان دېيىشكە بولىدۇ، بىرسى ئۆگىتىدىغان، يەنە بىرسى ئۆگىنىدىغان. – قۇتادغۇبىلىك
* بۇ ئىشنىڭ قىسقا ۋە قولاي يولى يوق، قىسقا ۋە قولاي بولغىنى غەپلەت يولىدۇر. – ئىسىمسىز
* ھەسەتخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە پىتنە – پاساتنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئىقتىدارسىزلىق. – ئىسىمسىز
* ھاياتتا مېنى پەقەت ئائىلەم، دوستلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىم تونىسىلا بولدى، ئۇ مەن ئۈچۈن يېتەرلىك. – ئا. ئورتېگا
* ئادەم بولۇش، ئالىم بولۇشتىن قىممەتلىك. – ئىسىمسىز
* ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ، ناماز ئوقۇپمۇ مۇسۇلمان بولالمىغان، قۇرئان ئوقۇپمۇ ئىنسان بولالمىغانلارنىڭ جاھالىتىدىن بىزنى ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنى قوغدىغىن، ئامىن! – ئىسىمسىز
* بۇغداي تېرىيدىغانغا ئادەم يوق، ھەركىم خامان سورۇشنىڭ كويىدا. – ئىسىمسىز
* ئىنسان ئۆمۈر بويى گۈزەللىككە تەشنا بولۇپ ئۆتىدۇ. گۈزەللىك، تەشنا بولغاندا بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇر. گۈزەللىك كۈتۈلمىگەن بىر ئاندا ئوتتۇرىغا چىقىپ ھاياتتىكى ئەڭ بۇرۇختۇم ھالىڭىزنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. – ئىسىمسىز
* ھەممىمىز ھاياجاننىڭ پىشىدە، ئەسلىدە مۇھىم بولغىنى ئائىلە، ئائىلىگە ئىگە بولۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بۈيۈك جاسارەت ۋە سەۋىر كېرەك. – ئىسىمسىز
* ئەتراپىمىزدا ھەر زامان ياخشى نىيەتلىك، ئېسىل خىسلەتلىك ئىنسانلار مەۋجۇتتۇر، كۆپىنچىسى پەقەت ئۇلارغا ئىھتىياج تۇغۇلغاندىلا مەيدانغا چىقىدۇ. – ئىسىمسىز
* تەڭرى مەۋجۇت شەيئىلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. – ئېينىشتېين
* ئىنسانىيەت ئۈچۈن قايغۇرالمايمىز، چۈنكى بىزمۇ ئىنسان. – ئېينىشتېين
* ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ئەجرىمىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ. – ئېينىشتېين
* بىلمەيدىغانلىرىمىز، بىلىدىغانلىرىمىزدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپتۇر. – ئېينىشتېين
* پەرقلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋىرىشتىن ۋاز كېچىڭ. – ئېينىشتېين
* بىلىم بىلەن شۇغۇللانغانسىرى تەڭرىگە بولغان ئىتىقادىم كۈچىيىدۇ. – ئېينىشتېين
* ئېنىقلانغان بىر مەسىلىنىڭ يېرىمى ھەل قىلىندى دېمەكتۇر. – ئېينىشتېين
* ھەر بىر كۈن، يېڭى بىر خۇشاللىق يارىتىشنىڭ بىر پۇرسىتىدۇر. – ئېينىشتېين
* كېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئۇزاققا كېتىڭ ۋە ئۇ نوقتىدىن باشلاڭ. – ئېينىشتېين
* ئۇرۇشنى ياشانغان ئىنسانلار باشلىتىدۇ ئەمما ياشلار قۇربان بېرىدۇ. – ئېينىشتېين
* بېشىدىلا ئەخمىقانە بىلىنمىگەن بىر پىكىردە ئۈمىد يوقتۇر. – ئېينىشتېين
* ھەر بىرىمىز تەپەككۈر شەكلىمىزنىڭ چەكلىگۈچى قائىدىلىرى بىلەن قورشالغان بولىمىز. – ئېينىشتېين
* ئەگەر ئۈن-تۈنسىز قالسام، جىنايەتكە شىرىك بولغان بولىمەن. – ئېينىشتېين
* يورۇقلۇقنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسىرى قاراڭغۇلىقنىڭ چىگرىسىمۇ كېڭىيىدۇ. – ئېينىشتېين
* ھەر زامان ئەڭ ياخشى بىر ھەمراھىم بار ئىدى، يەنى يالغۇز ئىدىم. – ئېينىشتېين
* مۆجىزە كۈتۈپ تۇرماڭ، ھاياتىڭىزنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزىدۇر. – ئېينىشتېين
* كونا بىر خەرىتە بىلەن يېڭى بىر دۇنيانى بايقىيالمايسىز. – ئېينىشتېين
* ھەقىقىي بىر داھى ھىچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. – ئېينىشتېين
* سىزدىن پەرقلىق بولغان ئىنسانلارغا ئەدەپ بىلەن ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. – ئېينىشتېين
* ئەخمەقلىق مىللىي چىگرىلارنى ھالقىغان شەخسىي غالىبىيەتتۇر. – ئېينىشتېين
* ئەگەر كەلگۈسىنى بىلىشنى خالىسىڭىز، ئۆتمۈشكە قاراڭ. – ئېينىشتېين
* ماددا كۆرەلىگۈدەك ئۆلچەمگە ئىگە قىلىنغان روھتۇر. – ئېينىشتېين
* تەجرىبىنىڭ سىنىقىدىن پەقەت ھەقىقەت ئۆتەلەيدۇ. – ئېينىشتېين
* رۇھنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىنساننى شەخسىيەتچىلىك ۋە تەكەببۇرلۇقتىن قۇتقۇزۇشتۇر. – ئېينىشتېين
* پۈتۈن ئەخمەقلەر بىلەلەيدۇ، مۇھىم بولغىنى چۈشىنىشتۇر. – ئېينىشتېين
* تەجرىبىدىن ۋاز كېچىدىغان چاغقىچە مەغلۇپ بولغان ھېساپلانمايسىز. – ئېينىشتېين
* پىكىرلىرىمنىڭ ۋۇجۇدۇمغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن. – ئېينىشتېين
* ھاياتتىكى بىردىن بىر خاتالىق، سەۋەنلىكلىرىمىزدىن ساۋاق ئالماسلىقتۇر. – ئېينىشتېين
* ئەقىل – پاراسەتنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى بىلىم ئەمەس تەسەۋۋۇر كۈچىمىزدۇر. – ئېينىشتېين
* ئۆگىنىشىمگە توسالغۇ بولغان بىردىن بىر نەرسە مەن ئالغان تەلىم-تەربىيە. – ئېينىشتېين
* ئۆگىنىشنى تاشلىغىنىڭىزدا ئۆلۈشكە باشلايسىز. – ئېينىشتېين
* بىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ھەممە نەرسە تەبىئەتتە يارىتىلدى. – ئېينىشتېين
* قانچىلىك ئۇزۇن ياشىسىڭىز ياشاڭ، قېرىپ كەتمەڭ. – ئېينىشتېين
* ئاتوم ئېنېرگىيىسى سۇ قاينىتىشقا بەكلا كۆپ كېلىپ قالىدۇ. – ئېينىشتېين

* ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ھەسەتخور بولۇپ تۇغۇلۇپ قالمايدۇ، ھەسەتخورلۇقنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئىقتىدارسىزلىق بولۇپ، ياشاۋاتقان مۇھىتتا مۇستەقىل ياشاشقا كېرەكلىك ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرەلمىگەن ئىنسانلار تەبىئىي ھالدا بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۆزىنى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئىقتىدارلىق ئىنسانلاردىن بولۇشقا يىتەكلەپ ماڭغان ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ كېسەل ئۆزىنىڭ شىپاسىنى ئۆزى تاپىدۇ.
* ۋاقتىنى باشقۇرغان ھەممە نەرسىنى باشقۇرىدۇ…
* مېنى ئۆلگەنگە قەدەر ئۇنۇتما. – ئاللاھ
* بالىلار ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى تىڭشىماس، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاتا-ئانىنىڭ ھەرىكىتىنى دوراپ ئادەم بولىدۇ.
* مېڭىۋاتقىنىمىز يول ئەمەس، بېشىمىزغا كەلگەنلەرنىڭ سەۋەبى بۇ.
* ھەممىمىز بىر كۈن يالغۇز ئۆلىمىز.
* بالىلارنىڭ ۋە يامغۇرنىڭ ئاۋازى بىزگە ئاللاھنى ئەسلىتىدۇ.
* ئىماننى بۇزىدىغان نەرسە – گۇناھتۇر.
* گۇناھ- باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش، باشقىلارنىڭ ئەجرىنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئىشنى ئەھلىگە بەرمەسلىك، خوشامەت قىلىش، ھىيلىگەرلىك قىلىش، خېرىسلىنىش، ياۋاشنى بوزەك قىلىش، يامانغا يالاقچىلىق قىلىش، كىشلەر ئارىسىغا پىتنە – پاسات تارقىتىش، ئادىل تەقسىم قىلىشنىڭ ئورنىغا ئايرىمچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى ھەتتا دوست- بۇرادەرلىرىنى قىزغىنىش، يالغانچىلىق قىلىش، ئۆچمەنلىك قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن رۇھى كېسەللىكتۇر.
* گۇناھ كېسىلىنىڭ شىپاسى- تۆۋبە يىلتىزىنى ئىستىغپار ياپرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل ھاۋانچىسىدا تەۋھىد توقمىقى بىلەن ئىزىپ، ئىنساپ ئەلگىكىدە تاسقىغاندىن كېيىن كۆز يېشى بىلەن خېمىر قىلىپ ئشق ئوتىدا پىشۇرۇپ، مۇھەببەت ھەسىلىدىن بىر ئاز ئارىلاشتۇرۇپ، سەھەر ۋە ئاخشاملىرى قانائەت قوشۇقى بىلەن ئاز-ئازدىن يەپ تۇرۇشتۇر.
* ئەقلىڭىزگە كەلمىگىنى بېشىڭىزغا كېلىدۇ.
* يولغا چىق ئەمما يولدىن چىقما.
* يولغا چىقمىغان، مەنزىلگە بارالماس.
* قاغا-قۇزغۇنچىلىك ئەقلى يوق مىللەتنىڭ دۆلىتى بولماس.
* غەلىبە قىلىشنىڭ، ئەقلى بىلەن تىرىشىشتىن باشقا يولى يوق.
* ئۇنۇتما، سەن ئۈچۈن باشقىسىدىن ۋاز كەچكەن كىشى، بىر كۈنى چوقۇم باشقىسى ئۈچۈن سەندىن ۋاز كېچىدۇ. – مەۋلانە
* تۈنۈگۈن ئەقىللىق ئىدىم، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىتىم. بۈگۈن ئالىم بولدۇم، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتتىم. -مەۋلانە
* ئۆكۈنمە جان! ماڭغان يولۇڭ توغرا بولسىلا زىيان تارتتىم دېمە. بىلگىنكى، توغرا يولدىكىلەر چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ. -مەۋلانە
* ھايات بىر نەپەستۇر ئالغىنىڭچىلىك، ھايات بىر قەپەزدۇر قالغىنىڭچىلىك، ھايات بىر ھەۋەستۇر قىلغىنىڭچىلىك. -مەۋلانە
* كىم بىلەن ئارىلىشىپ، ئەل-ئاغىنە بولغىنىڭىزغا دىققەت قىلىڭ. چۈنكى، بۇلبۇل گۈلگە، قاغا جاڭگالغا باشلايدۇ. -مەۋلانە
* ئىتلارنىڭ دوستلۇقى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۆڭەك تاشلانغىچە داۋاملىشىدۇ. -مەۋلانە
* قەلپ دېڭىز، تىل دېڭىز قىرغىقىدۇر. دېڭىزدا نېمە بولسا، قىرغاققا ئۇ چىقىدۇ. -مەۋلانە
* ئىنسانلار سېنى خاتا چۈشەنگەندە، سەن دەرتلەنمە. ئاڭلىغىنى سېنىڭ ئاۋازىڭ، كۆڭلىدىن ئۆتكىنى پەقەت ئۆزىنىڭ چەشەنچىلىرىدىن ئىبارەت خالاس. -مەۋلانە

UYGUR.COM