ئېينىشتېيندىن ھېكمەتلەر

ئېينىشتېيندىن ھېكمەتلەر

ئېينىشتېين گېرمانىيەلىك نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ ۋە يازغۇچى. ئۇ دۇنيا پەن-تېخنىكا تەراققىياتىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم بولۇپ، ”ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى“ دەپمۇ تەرپلىنىدۇ. تولۇق ئىسمى ئالبېرىت ئېينىشتېين بولۇپ 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەدە دۇنياغا كەلگەن 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 1921-يىلى ئۇ نەزەرىيە فىزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ فوتو-ئېلىكتېر ئېففىكىتىنى بايقىغانلىغى ئۈچۈن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تەپەككۈر تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىمۇ ناھايىتى زور بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭ بېر قىسىم قىممەتلىك كۆز قاراشلىرى كەڭ دوستلارنىڭ تەپەككۈر ئالىمىگە سۇنۇلدى.
* ئەتراپىمىزدا ھەر زامان ياخشى نىيەتلىك، ئېسىل خىسلەتلىك ئىنسانلار مەۋجۇتتۇر، كۆپىنچىسى پەقەت ئۇلارغا ئىھتىياج تۇغۇلغاندىلا مەيدانغا چىقىدۇ.
* تەڭرى مەۋجۇت شەيئىلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
* ئىنسانىيەت ئۈچۈن قايغۇرالمايمىز، چۈنكى بىزمۇ ئىنسان.
* ھاياتىمىزنىڭ قىممىتى باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ئەجرىمىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
* بىلمەيدىغانلىرىمىز، بىلىدىغانلىرىمىزدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۆپتۇر.
* پەرقلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى خالىسىڭىز، ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋىرىشتىن ۋاز كېچىڭ.
* بىلىم بىلەن شۇغۇللانغانسىرى تەڭرىگە بولغان ئىتىقادىم كۈچىيىدۇ.
* ئېنىقلانغان بىر مەسىلىنىڭ يېرىمى ھەل قىلىندى دېمەكتۇر.
* ھەر بىر كۈن، يېڭى بىر خۇشاللىق يارىتىشنىڭ بىر پۇرسىتىدۇر.
* كېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئۇزاققا كېتىڭ ۋە ئۇ نوقتىدىن باشلاڭ.
* ئۇرۇشنى ياشانغان ئىنسانلار باشلىتىدۇ ئەمما ياشلار قۇربان بېرىدۇ.
* بېشىدىلا غەلىتە بىلىنمىگەن بىر پىكىردە ئۈمىد يوقتۇر.
* ھەر بىرىمىز تەپەككۈر شەكلىمىزنىڭ چەكلىگۈچى قائىدىلىرى بىلەن قورشالغان بولىمىز.
* ئەگەر ئۈن-تۈنسىز قالسام، جىنايەتكە شىرىك بولغان بولىمەن.
* يورۇقلۇقنىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسىرى قاراڭغۇلىقنىڭ چىگرىسىمۇ كېڭىيىدۇ.
* ھەر زامان ئەڭ ياخشى بىر ھەمراھىم بار ئىدى، يەنى يالغۇز ئىدىم.
* مۆجىزە كۈتۈپ تۇرماڭ، ھاياتىڭىزنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزىدۇر.
* كونا بىر خەرىتە بىلەن يېڭى بىر دۇنيانى بايقىيالمايسىز.
* ھەقىقىي بىر داھى ھىچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ.
* سىزدىن پەرقلىق بولغان ئىنسانلارغا ئەدەپ بىلەن ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.
* ئەخمەقلىق مىللىي چىگرىلاردىن ھالقىغان شەخسىي غالىبىيەتتۇر.
* ئەگەر كەلگۈسىنى بىلىشنى خالىسىڭىز، ئۆتمۈشكە قاراڭ.
* ماددا كۆرەلىگۈدەك ئۆلچەمگە ئىگە قىلىنغان روھتۇر.
* تەجرىبىنىڭ سىنىقىدىن پەقەت ھەقىقەت ئۆتەلەيدۇ.
* رۇھنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئىنساننى شەخسىيەتچىلىك ۋە تەكەببۇرلۇقتىن قۇتقۇزۇشتۇر.
* پۈتۈن ئەخمەقلەر بىلەلەيدۇ، مۇھىم بولغىنى چۈشىنىشتۇر.
* تەجرىبىدىن ۋاز كېچىدىغان چاغقىچە مەغلۇپ بولغان ھېساپلانمايسىز.
* پىكىرلىرىمنىڭ ۋۇجۇدۇمغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.
* ھاياتتىكى بىردىن بىر خاتالىق، سەۋەنلىكلىرىمىزدىن ساۋاق ئالماسلىقتۇر.
* ئەقىل – پاراسەتنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى بىلىم ئەمەس تەسەۋۋۇر كۈچىمىزدۇر.
* ئۆگىنىشىمگە توسالغۇ بولغان بىردىن بىر نەرسە مەن ئالغان تەلىم-تەربىيە.
* ئۆگىنىشنى تاشلىغىنىڭىزدا ئۆلۈشكە باشلايسىز.
* بىز تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ھەممە نەرسە تەبىئەتتە يارىتىلدى.
* قانچىلىك ئۇزۇن ياشىسىڭىز ياشاڭ، قېرىپ كەتمەڭ.
* ئاتوم ئېنېرگىيىسى سۇ قاينىتىشقا بەكلا كۆپ كېلىپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسى
www.uygur.com

ئىنكاس قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. يۇلتۇز (*) قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. Required fields are marked *