ئالىم ئەھەتنىڭ بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبىتى

ئالىم ئەھەت

2011- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچ سائەت (بېيجىڭ ۋاقتى) يەتتىدە مەركىزىي مىللەت ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۇيغۇرسوفت شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ «ئەلكاتىپ» نى بارلىققا كەلتۈرگۈچى پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىق ساھەسى بويىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرېستېتى زالىدا كەڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتكە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قاتناشتى.

ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەلكۈيى مۇخبىرى لىكسىيە زالىغا بارغاندا سۆھبەت لىكسىيەسى باشلىنىشتىن بۇرۇن چوڭ ئېكراندا ئالىم ئەھەد ئەپەندى تونۇشتۇرۇلغان مەخسۇس فىلىملەر قويۇلىۋاتقان بولۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى، قىزىقىشى ۋە چۇشەنچىسى ئاشۇرۇلدى. لىكسىيگە بۇ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى موللانىياز مالىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ باشتا ئالىم ئەھەد ئەپەندىمنى بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ چىقتى.

ئالىم ئەھەد ئەپەندىم لىكسىيە بېشىدا: « بايامقى تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ، مەن ئۆزۈم شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم… سىلەرنىڭ قايسى نۇقتىلارغا قىزىقىدىغىنىڭلارنى بىلمەيمەن، لېكىن ئاڭلىسام سىلەرنى سۇئال سوراشقا بەك ماھىر دەيدۇ، بۇ گەپ راستمۇ يالغانمۇ؟ بىر ئازدىن كېيىن مەن ئىسپاتلاپ باقماقچى …» دېگەن يۇمۇرلۇق سۆزلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈپ، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە كۆپچىلىكنى سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا باشلاپ كىردى. ئۇ ئاۋال ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئۇچۇر دەۋرى، كومپىيوتىر ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيوتىر مۇھىتىدا قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانى ۋە بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن قېيىنچىلىقلىرىنى ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ :« تۇرمۇشىمىزدا قىيىنچىلىقلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، قىيىنچىلىق ئوتتۇرغا چىققاندا توغرا چۈشىنىشىمىز، توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە بەخت تۇيغۇسىدا بولىشىمىز لازىم. يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئادەمنى تەپەككۇر يولىغا باشلايدۇ.» دەپ كۆپچىلىكنى تاللىغان نىشاندىن ۋاز كەچمەي داۋاملىق تىرىشىش، قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي دادىل ئالغا ئىلگىرلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

ئۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى 80-يىللاردا شەخىسلەر كومپىيۇتىرى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈردى، ئالىم ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1985- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر يېزىقى كومپىيۇتىرغا كىرگەن بولۇپ، تەرەققىياتى كەينى- كەينىدىن تېزلەشكەن. ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىز بولسا، 90-يىللاردا ئەرەپ دۆلەتلىرىدە كومپىيوتىرغا ئەرەپ يېزىقىنى كىرگۈزۈشتە ئانچە ئىلغارلىق شەكىللەنمىگەن دەۋىردىلا، كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈشتە خېلىلا يوقۇرى سەۋىيە يارىتىلغان، ھەتتا ئاۋاز ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈش دەرىجىسىگىمۇ يەتكەن. شۇ دەۋىر توغرىسىدا توختىلىپ ئالىم ئەپەندى يەنە دەسلەپتە كومپىيوتىرغا «كونا يېزىق» نى كىرگۈزۈش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەچكە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېزىقىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن يېزىقى ئىشلىتىش ياكى بولمىسا كومپىيوتىر تاختىسىدا 26 ھەرپ كونۇپكىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بويسۇنۇپ، ئۇيغۇرچە بىر قىسىم ھەرپلەرنى كومپىيوتىر يېزىقىدا ئىپادىلىمەي تاشلىۋىتىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئالىم ئەپەندى:«مەقسەت توغرا ،ئەمما يۆنىلىش توغرا بولمىغان، ئەگەر ‹كومپىيوتىرغا ئۇيغۇنلاشتۇرالمىدۇق، يېزىق ئالماشتۇرايلى› دەپ ئالماشتۇرسا كىرگۈزۈش ھەل بولغان بىلەن نۇرغۇن ساھەدە ئۈزۈلۈپ قېلىش، نۆلدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى يېزىقىمىز ئادەتتىكى يېزىق ئەمەس، ئۇ مىڭ يىللاردىن بويان مەدەنىي ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان يېزىق، ئازىراق تېخنىكىلىق قىيىنچىلىققا ئۇچىراپلا ئۇنى ئالماشتۇرايلى دەپ ئالماشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ. ئىنسان قىيىنچىلىققا ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىدۇ. تۇرمۇش، ئۈگۈنۈشتە قېيىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلساق بولىدۇ، چۈنكى جىق ئادەم ئىشلەيدىغان تېما تاپالمايۋاتىدۇ. قېيىنچىلىقنىڭ چىقىشى ئادەمنى يېڭى تەپەككۇرغا باشلايدۇ. بىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق بىرلا يولغا ئىسىلىۋىلىپ ئىمكانسىزلىق ياراتماي، يانداش قولايلىق ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش كېرەك. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈشىمىزمۇ مۇشۇنداق بىر جەريان. دۇنيادا شۇنچە ئىشقا ئەسقىتىۋاتقان كومپىيۇتىرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلالماسلىقى، خەتنى سولدىن ئەمەس ئوڭدىن يېزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى كومپىيۇتىر ئىجاد قىلىنىشىدىنلا ئۇنىڭ تىلى ئېنگلىز تىلى ئەمەس ئېدى. شۇنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى :بۇ بىزنىڭ يېزىقىمىزدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدىكى مەسىلە.» دەپ چۈشەنچە بىرىشى ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى ۋە تىل-يېزىقىمىز تەتقىقاتىدىكى بەزى ئاۋارچىلىقتىن قىچىش ئەمەس بەلكى ئۇرۇنۇپ، توغۇرلاش مەسئۇلىيتىمىزگە ئىلھام بولدى.
شۇنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئالىم ئەپەندىنىڭ سۆزلەش جەريانىدا پەقەتلا يات تىل ئارىلاشتۇرماي، يېنىك، چۈشىنىشلىك ۋە ناھايىتى راۋان ھەم شۇنداقلا مېغىزلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلىشى ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭ نۇتۇق قابىلىيتى ۋە بېلىم قۇرۇلمىسىغا بولغان قايىللىقىنى قوزغىدى. سورالغان سۇئاللارغا نىسبەتەن سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار ئالىم ئەپەندىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى.

بىر سۇئال سورىغۇچى ئۇنىڭدىن سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىزگە بېرىپ تاقىلىدىغان سۇئالدىن بىرنى سورىسام، ھازىر دۆلەت مەمۇرلىقىغا ئىمتاھان بېرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا سىز باشقىلار بىر ئۆمۈر تاپقان پۇلنى بىر يىلدا تاپىسىز، مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ دېگەن سوئالغا ئالىم ئەھەھ مۇنداق جاۋاب بەردى:

ـــ ئەزەلدىن ھىچكىم مەندىن مۇنداق سۇئال سوراپ باقمىغان، يۇمشاق دىتالغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا رىقابەت كەسكىن، لېكىن بۇنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى يارىتىش ھەقىقەتەن ياخشى. سىلەر چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ. ئەقلىي مۈلۈك ھەرقانداق جايدا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. پۇل ھەققىدە بېلگەيتىس مۇنداق دېگەن: «ئادەمنىڭ پۇلى 100 مىليونغا يەتكەندە قىممىتىنى يوقىتىدۇ». پۇل تىپىش ئادەتتىكى تۇرمۇشنى قامداش بولماستىن بەلكى بەلگىلىك پۇل تاپقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ۋە ئەتراپتىكىلەرگە تۆھپە قوشۇشنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.

بېزنىڭ يېزىقىمىز ھىچقانداق گۇناھكار ئەمەس، كومپىيۇتىرغا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزەلمەسلىك ياكى يۆنىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىق ئەمىلىيەتتە بىزدىكى مەسىلە.

بىز قىيىنچىلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز، بۇ ھالدا ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاپ قېيىنچىلىقنى بەخت دەپ تونۇش كېرەك. قېيىنچىلىق بەك چوڭ بولسا كۈچىمىز يېتىدىغان كىچىك تارماقلارغا بۆلۈپ ئاز-ئازدىن ھەل قىلساق تامامەن بولىدۇ، ئەمما ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.

ئانا تىلغا پىششىق بولسا تىل ئۈگۈنۈش قولاي بولىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئېنگىلىزچىغا ئوخشايدىغان 2500 دەك سۆز بار. دېمەك ئانا تىلغا پىششىق ئادەم بۇلارنى ئۈگەنمىسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق سېلىشتۇرما قىلىپ پايدىلانساق جىق ئۈنۈم ئالالايمىز.

ئادەم ئۆزىدىكى بايلىقنى بايقاشقا ماھىر بولىشى كېرەك. قىلالمايمەن دېسەك مەڭگۈ قىلالمايمىز. تېرىشساقلا ئېرىشىدىغان ئېھتىماللىقمۇ ھەرگىز نۆل بولمايدۇ.

ھۈنەرۋەننى ئۇستا قىلغان ئۇنىڭ جابدۇق، سايمىنى. ھۈنەرۋەن ياخشى بولۇپ، سايمىنى ياخشى، ئىددىيسى توغرا بولمىسا، ھۈنەر قىلسىمۇ نەتىجىسى ياخشى چىقمايدۇ.

شەيئىلەردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىدىغىنى كاللىدۇر، ئۇ ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئىش قىلغاندا ئىدىيە ناھايىتى مۇھىم.

كۆز، قۇلاق، قول، پۇت ھەممىسى ئىككىدىن، ئەمما ئېغىز بىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىزنىڭ ئىچىگە چىش شەكلىدە 32 ياساۋۇل قويۇلۇپ چەكلىۋىتىلگەن، شۇڭا كۆپ كۆرەيلى، كۆپ ئاڭلايلى، پۇت-قولىمىزنىمۇ كۆپ ئىشلىتەيلى ئەمما ئاز سۆزلەيلى.

20 ياشتىن بۇرۇن ئادەمدە چوقۇم بىر كىشىلىك نىشان تىكلىنىشى كېرەك. ئەگەر نىشان ئويلىمىسا ياكى تۇراقسىزلىق قىلسا ۋاقىت بىكار زايا بولىدۇ.

مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ئۆز ئەمگىكىنى ئۆزى يوق قىلىش. ئۆز ئەمگىكىنى ئۆزى زايا قىلىش ھەقىقەتەن بەك ئېچىنىشلىق ئىش. ئاخىرغا چىقىرالماي زايا قىلىدىغان ئەمگەكنى قىلماسلىق كېرەك. (چەتئەل تىلىنى بىرەر يىل ئۈگۈنۈپ يېرىم يولدا ۋاز كېچىش دېگەندەك…)

دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتقان كومپىيۇتىرنى بىزنىڭ 32 ھەرپىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالماپتۇ دېسە مەسىلە كىمدە؟ بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى كومپىيوتىرغا ياخشى ئىشلىمەيدىكەن دېيىشكە پەقەت ئىمكانىيەت قالمىدى.

ۋاقتىمىزنى ئەتىراپلىق ئىشقا سەرپ قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىمۇ پايدىلىق تەرەپنى قوبۇل قىلىشقا تېرىشساق چوقۇم ياخشى نەتىجە چىقىدۇ.

باشقا تىلنى چۈشۈنۈش سەۋىيىمىزدىمۇ مەسىلە يوق ئەمما ئاڭلىتىش، پۇل ئېلىش ماشىنىسى، يانفون قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى ئادەمگە ئىپتىخار ھەم ئىلھام بولىدىكەن.

ياشلىقتا نېمە ئىش قىلسا يارىشىدۇ ئەمما ئادەم قېرىغاندا ئاندىن ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ.

يومشاق دېتال ئىشلەش بىر مىللەتنى ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت، تېخنىكا كۈچى ۋە مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىدۇ.

ئىزباسار تەربىيلەشتە، ئادىمىيلىك پەزىلىتى ياخشى بولسا تېخنىكىسى تۆۋەنرەك بولسىمۇ تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ ئەمما پەزىلىتى ياخشى بولمىسا ئاپەت بولىدۇ.

(ئۇيغۇر ئىلىكتىرون ساھەسىدىكى رىقابەتكە قارىتا) بىز رىقابەتلەشمەي ئۆزىمىزگە خاس يولنى تېپىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز يېلتىزىمىز بىر ھەر شاخقا بۆلۈنۈپ كۆكلىگەن دەرەخكە ئوخشايمىز، مەيلى قانداق كۆكلەيلى خەلققە سايە بېرەلىسەكلا بولدى.

بىز مەڭگۈ ئوقۇغۇچى ۋە ئىزدەنگۈچى.

«ئادەمنىڭ پۇلى 100 مىلىيونغا يەتكەندە، پۇل قىممىتىنى ئۆزلىكىدىن يوقىتىدۇ.»-بېل گەيتىس

ئادەم بىر نەرسىنى تاما قىلىپ ياشىماسلىقى، غەيرەت قىلىپ باقاي، سىناپ باقاي، قېلىپ باقاي دەپ سۇس ئويلىماسلىقى كېرەك.

تۆۋەنگە ئەمەس يوقۇرىغا قاراپ ئېنتىلىڭلار.

ئىلاجسىز قالغاندا، ئادەمنى ئېزىدىغان، ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالماي، پىلان ئۈچۈن ياشاپ بېقىشقا تېرىشىش كېرەك. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ رىزىقى بولىدۇ.

2011- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى

مەنبە: ئەلكۈيى تورى

UYGUR.COM