ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.

ئابدۇقادىر جالالىدىن نۇرغۇنلىغان شېئىر، ماقالە، تەرجىمە ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار تالىشىپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرگە ئايلانغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى داڭلىق ئاۋاز ئارتىسلىرى تەرىپىدىن ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىجادىي ئەسەرلەردىن باشقا يەنە داڭلىق يازغۇچى نىككولو ماكياۋىللىنىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ناملىق ئەسىرىنى خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابمۇ ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن مەيلى ئۇقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئەسەر يېزىشتا بولسۇن، ناھايىتى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن بولغاچقا، كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.

«ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتاب ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئارىسىدا ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. كارخانىچىلار مەبلەغ چىقىرىپ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنى قەشقەر، خوتەن، كورلا، كۇچا قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلاردا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە لېكىسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ لېكىسىيەسىنى ئاڭلاشقا كېلىدىغانلار ھەر كەسىپ ھەر ساھەدىن بار بۇلۇپ، يازغۇچىنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىغان.


ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى

2010-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛

2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»،

1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل ـ پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى،

1993-يىلى شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى،

2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.


ئۇيغۇر كۈتۈپخانىسىدىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرى توپلىمى:


ئېرىشكەن مۇكاپاتلار

1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان.

2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان.

2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان.

2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.


ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن شېئىرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن شېئىرلىرىدىن تاللانما
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئايالى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە قىزى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە يالقۇن روزى قاتارلىقلار

UYGUR.COM