كۇچار شەھىرى

كۇچار شەھىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى: كۇچار شەھىرى (كۇچار ناھىيىسى)

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kuchar Shehiri

ئىنگلىزچە ئىسمى: Kuchar City

خەنزۇچە ئىسمى: 库车市

تەۋە بولغان ۋىلايەت: ئاقسۇ ۋىلايىتى

مەمۇرىي رايون شەكلى: ناھىيە

ياشايدىغان ئاساسلىق مىللەت: ئۇيغۇر

ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل: ئۇيغۇرچە

يېزا بازار ۋە كوچا باشقارما سانى: 12

نوپۇسى: 492,535

يەر مەيدانى (km2): 14,529

ۋاقىت رايۇنى: UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)

تېلېفون رايون نومۇرى: 997 (0)86+

ماشىنا تاختا نومۇرى: 新N


كۇچار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارايدۇ. كۇچا شەھىرى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 164 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 13 يېزا، 216 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 745 كىلومېتىر.


مەمۇرىي رايونلار
ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى قارمىقىدا 4 كوچا باشقارمىسى، 8 بازار ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:


يەر تۈزۈلۈشى

شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ رايونى، مۇزتاغ چوققىسى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4553 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي تەرىپى دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن بولغان تۈزلەڭلىك. تاغ يېرى 44% نى، تۈزلەڭلىك 56% نى ئىگىلەيدۇ. كۇچار دەرياسى بىلەن ئۈگەن دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى 592 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 780 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قاقىر شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شىنجاڭ ئارچىسى، مېۋىلىك ئاق تىكەن، تەڭرىتاغ چىتەنى، قارا ئالىقات، ئېگىر، قارا يوپۇرماقلىق جىنتيانا، چىلان، ئوسما يىلتىزى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى
بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ 200 گېكتار ( 783 مىڭ مو)، ئورمانلىق كۆلىمى 101 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 525 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 380 مىڭ 600 گېكتار (بەش مىليون 709 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا، ئورمان بەرپا قىلىشقا باب كېلىدىغان 341 مىڭ 500 گېكتار (بەش مىليون 122 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى ياساش، پاختا چىقىرىش، كىگىز ئىتىش ۋە ئاشلىق – ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى
كۇچار شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -27.4℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 73.8 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2912.4 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300.7℃، قىروسىز مەزگىلى 248 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 64.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2842.5 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى
كۇچا شەھىرىدە دۇنخۇاڭنىڭ غەربى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي بويىچە سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تاش غار بۇتخانىسى، قەدىمكى تۇرا قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن كۇسەن قەدىمكى شەھىرى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى ۋە جاۋخۇلى بۇتخانىسى خارابىسى بار.

كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار شەھىرى
كۇچار شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى
كۇچار قەدىمىي شەھىرى