ئۇيغۇرچە ئىسمى: كەلپىن ناھىيىسى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kelpin Nahiyisi
ئىنگلىزچە ئىسمى: Kelpin County
خەنزۇچە ئىسمى: 柯坪县
ياشايدىغان ئاساسلىق مىللەت: ئۇيغۇر
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىل: ئۇيغۇرچە
يېزا بازار سانى: 5
نوپۇسى: 55400
يەر مەيدانى (km2): 8977
ۋاقىت رايۇنى: UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى: 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى: 新N
كەلپىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارايدۇ. كەلپىن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 151 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى ئون مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئۈچ بازار، ئىككى يېزا، 24 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1154 كىلومېتىر.
يەر تۈزۈلۈشى
بۇ ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش بولۇپ، تاغلىق رايون، ئويمانلىق ۋە تىنما تۈزلەڭلىك ئۈچ قىسمدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى %72.4 نى، تۈزلەڭلىك %27.6 نى ئىگىلەيدۇ. كەلپىن دەرياسى بىلەن قىزىلقۇم دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى بۇلاق سۈيى دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 143 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۆرە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، ئارقار، سۇغۇر، ئاق بوغۇز بۆكەن، توشقان، بۈركۈت، ئۇلار، تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن يۇلغۇن، ئاق سۆگەت، قوڭغۇراق تىكەن، ياپىلاق ئاچا، كۆك ئەمەن، لوپنۇر كەندىرى، قومۇش قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن گۈڭگۈرت، تۆمۈر، مىس، ئاليۇمىن، فوسفور، سىنك، ئۇران، كۆمۈر، سىڭىرتاش، كۋارتس، سۇ كىرىستالى، قاشتېشى، ھېقىق، ھاك تاش، ئىسلاندىيە شىپاتى ۋە بازالىت قاتارلىقلار بار.
يېزا ئىگىلىكى
بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6500 گېكتار (97 مىڭ 500 مو)، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5000 گېكتار (75 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو)، چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، ئورمان بىنا قلىشقا كېلىدىغان بوزيەر كۆلىمى ئايرىم- ئايرىم 66 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون مو) دىن توغرا كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق- ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، سۇ ئېلېكترى، سېمونت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بار.
ئىقلىمى
كەلپىن ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.4 ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.9، ھەريىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.95 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇر ℃30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2796.9 سائەت، ℃10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى ℃4378.8. قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى 71.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2847.1 مىللىمېتىر.
كەلپىن ناھىيىسى قارمىقىدا ئۈچ بازار، ئىككى يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. كەلپىن بازىرى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Kelpin Baziri
ئىنگلىزچە ئىسمى: Kelpin Town
خەنزۇچە ئىسمى: 柯坪镇
مەھەللە ياكى كەنت سانى: 6
نوپۇسى: 6500
يەر مەيدانى (km2):
2. گەزلىك بازىرى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Gezlik Baziri
ئىنگلىزچە ئىسمى: Gezlik Town
خەنزۇچە ئىسمى: 盖孜力克镇
مەھەللە ياكى كەنت سانى: 9
نوپۇسى: 11200
يەر مەيدانى (km2): 10
3. ئاچال بازىرى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Achal Baziri
ئىنگلىزچە ئىسمى: Achal Town
خەنزۇچە ئىسمى: 阿恰勒镇
مەھەللە ياكى كەنت سانى: 7
نوپۇسى: 7300
يەر مەيدانى (km2): 2697
4. يۇرچى يېزىسى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Yürchi Yézisi
ئىنگلىزچە ئىسمى: Yurchi Township
خەنزۇچە ئىسمى: 玉尔其乡
مەھەللە ياكى كەنت سانى: 7
نوپۇسى: 11000
يەر مەيدانى (km2): 3176
5. چىلان يېزىسى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Chilan Yézisi
ئىنگلىزچە ئىسمى: Chilan Township
خەنزۇچە ئىسمى: 启浪乡
مەھەللە ياكى كەنت سانى: 9
نوپۇسى: 6500
يەر مەيدانى (km2):
كەلپىن ناھىيىسىنىڭ گۈزەل ئۈرۈك چىچەكلىك مەنزىرىسى








ئۇچۇر مەنبەسى: ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇس سىتاتىستىكا جەدۋىلى
رەسىم مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەمۇرى رايۇنلار
- تەڭرىتاغ رايونى
- سايباغ رايونى
- ئۈرۈمچى ناھىيىسى
- كۆكتاغ رايونى
- تۇدۇڭخابا رايونى
- بۇلاقتاغ رايونى
- يېڭىشەھەر رايونى
- داۋانچىڭ رايونى
- قەشقەر شەھىرى
- كونا شەھەر ناھىيىسى
- يېڭىشەھەر ناھىيىسى
- يېڭىسار ناھىيىسى
- يەكەن ناھىيىسى
- پوسكام ناھىيىسى
- قاغىلىق ناھىيىسى
- مەكىت ناھىيىسى
- يوپۇرغا ناھىيىسى
- پەيزاۋات ناھىيىسى
- مارالبېشى ناھىيىسى
- تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
- خوتەن شەھىرى
- خوتەن ناھىيىسى
- قاراقاش ناھىيىسى
- گۇما ناھىيىسى
- لوپ ناھىيىسى
- چىرا ناھىيىسى
- كېرىيە ناھىيىسى
- نىيە ناھىيىسى
- ئاقسۇ شەھىرى
- كۇچار شەھىرى
- ئونسۇ ناھىيىسى
- شايار ناھىيىسى
- باي ناھىيىسى
- ئاۋات ناھىيىسى
- كەلپىن ناھىيىسى
- توقسۇ ناھىيىسى
- ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
- ئالتاي شەھىرى
- بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى
- كۆكتوقاي ناھىيىسى
- قابا ناھىيىسى
- چىڭگىل ناھىيىسى
- بۇرچىن ناھىيىسى
- جېمىنەي ناھىيىسى
- چۆچەك شەھىرى
- شىخۇ شەھىرى
- ساۋەن شەھىرى
- دۆربىلجىن ناھىيىسى
- چاغانتوقاي ناھىيىسى
- تولى ناھىيىسى
- قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- كورلا شەھىرى
- لوپنۇر ناھىيىسى
- بۈگۈر ناھىيىسى
- باغراش ناھىيىسى
- چەرچەن ناھىيىسى
- چاقىلىق ناھىيىسى
- خوشۇت ناھىيىسى
- خېجىڭ ناھىيىسى
- يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
- غۇلجا شەھىرى
- غۇلجا ناھىيىسى
- قورغاس شەھىرى
- قورغاس ناھىيىسى
- نىلقا ناھىيىسى
- كۈنەس ناھىيىسى
- تېكەس ناھىيىسى
- توققۇزتارا ناھىيىسى
- موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى
- كۈيتۇن شەھىرى
- چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى شەھىرى
- قۇتۇبى ناھىيىسى
- مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
- ماناس ناھىيىسى
- جىمىسار ناھىيىسى
- گۇچۇڭ ناھىيىسى
- فۇكاڭ شەھىرى